text
stringlengths 16
1.29k
| label
int64 0
1
|
---|---|
روھقا ۋارىسلىق قىلىش: ئەسلىي مەقسەتتە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، خالىس تۆھپە قوشۇش | 1 |
مەن جۇڭگو - دومىنىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلىشىشقا يېتەكلەپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتكە ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن. | 1 |
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خۇاڭ ۋېنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4- ئاينىڭ 16- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىققا تارتىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىپ، ئامما ئەتراپىدىكى قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىللىككە چېتىشلىق چىرىكلىك ۋە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» مەسىلىسىنى مەركەزلىك تۈزەشكە قارىتا قايتا سەپەرۋەر قىلدى، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. | 1 |
ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر تۇرمۇش شارائىتىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەكتىن غەم قىلمايمىز. | 1 |
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: قىزىل بايلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، قىزىل گېنغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، تۈركۈم - تۈركۈم، ئەۋلادمۇئەۋلاد لاياقەتلىك قىزىل ئارمىيە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. | 1 |
قانۇنسىز كېسىپ ئۆتۈش ھەرىكىتىنى قاتتىق چەكلەش، كانچىلىق كارخانىلىرىنى تاقاش، ساياھەتنى ئېچىش بىلەن شۇغۇللانماسلىق قاتارلىق ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق مۇھاپىزەت رايونى ئېكولوگىيەسى ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشتەك خۇشاللىنارلىق ۋەزىيەتنى قولغا كەلتۈردى، تىبەت بۆكىنى، ياۋا قوتاز، تىبەت ياۋا ئېشىكى ئومۇمىي سانىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى قولغا كەلتۈردى، ھايۋانلارنىڭ ئىنسانلاردىن بارا - بارا ئۈركۈمەيدىغان بولۇشىنى قولغا كەلتۈردى. | 1 |
ياشانغانلار ئۈمىدنىڭ جۇغلانمىسى، يارمەھەللە كەنتىنىڭ تۈنۈگۈنى. | 1 |
قەيسەر، كۈچلۈك سىياسىي رەھبەرلىك بولمىسا، كۆپ مىللەتلىك بىر دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقلىق، بىرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. | 1 |
بىزنىڭ ئىللىق خەۋەرگە دىققەت قىلغان ۋاقتىمىز دەل قەلبىمىز قىممەت يېتەكچىلىكىگە موھتاج بولغان ۋاقىتتۇر، ئىللىق خەۋەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئىللىق شەخس بولۇشنى ئۆگەنگەن ۋاقتىمىز دەل بىزنىڭ مۇھەببەتنى قەلبىمىزگە سىڭدۈرۈش، ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت قىممەت تاللىشىنى تاللىغان ۋاقتىمىزدۇر، بۇ ھەم ئاكتىپ كۈچنىڭ تارقىتىلىشى، تېخىمۇ مۇھىمى ئاكتىپ كۈچنىڭ مۇجەسسەملىنىشىدۇر. | 1 |
ئۇنىڭ ۋە جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق يېتەكلىشى، تۈرتكىسىدە، جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتى باشتىن - ئاخىر يۇقىرى سەۋىيەلىك يۈرۈشۈشنى ساقلاپ، مول مېۋە بەردى. | 1 |
2018- يىلى 11- ئايدا، گۇشىباتېرغا پارتىيە ئىچىدە ئېغىر ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى. | 0 |
شۇ سەۋەبتىن، گۈلباھار ئىككىيلەننى ئىشخانىسىغا چاقىرىتىپ، ھېلىقى ياشقا كېلەر قېتىم دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتىپ، چوڭلارنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرغان. | 0 |
6-يانۋارغا قەدەر ، ۋىكتورىيە شىتاتىدا 50 قېتىمدىن ئارتۇق تاغ ئوت ئاپىتى يۈز بەردى ، يەنە 400دىن ئارتۇق ئائىلىدە توك توختاپ قالدى . | 0 |
«ھەرقايسى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە نىسبەتەن نامرات رايونلارنىڭ كەسىپ تۈرى قۇرۇلۇشىغا سېلىشقا يېتەكلەپ، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەۋزەل رايونى ۋە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ئەۋزەل رايونى قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى چوڭقۇر پىششىقلاش كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشنى قوللاپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلاردىكى 1-، 2-، 3- كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك؛ پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمەت ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق قوللاش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك» دېدى لى شىنشېڭ. | 1 |
ئاسىيا مەدەنىيلىكىمۇ ئۆزىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھەم دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى داۋامىدا تەرەققىي قىلىپ زورايدى. | 1 |
60 نەچچە يىلدىن بۇيان، جاڭ فۇچىڭ مەقسەتلىك ھالدا تۆھپە - نەتىجىلىرىنى يوشۇرغان، ھەتتا پەرزەنتلىرىگىمۇ ئەھۋالنى بىلدۈرمىگەن. | 0 |
2018-يىلى ئېلىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان زور بىر تۈركۈم زور پەن-تەتقىقات نەتىجىلىرى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلىدۇ، بۈگۈنكى «2018-يىلغا نەزەر» ناملىق تەپسىلىي خەۋەردە، چوڭ دۆلەت ئۈسكۈنىلىرىنىڭ يېڭى ئەمەلىي كۈچىنى ئالدىن ھېس قىلىپ باقايلى. | 1 |
كېيىنچە، قېيۇم پۇل يىغىپ بىر توكسىكلىت سېتىۋالدى، ئەمما خۇشال ھالدا ھەيدەپ چىقىشىغىلا، قاتتىق يىقىلىپ چۈشتى. | 0 |
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇپ ۋە ئىگىلەپ، بارلىق ساقچىلارنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشقا يېتەكلەش كېرەك. | 1 |
ئارقىدىن، شى جىنپىڭ چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى بىلەن بىللە «دوستلۇق بوستانلىقىنى ئورتاق يېتىشتۈرۈش» مۇراسىمىغا قاتناشتى. | 1 |
ھىندونېزىيە جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە كۆپ تەرەپچىللىكنى قەتئىي قوغداپ، دۇنيا ۋە رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. | 1 |
ۋۇخەن يەنە «قابىللار يېزىغا قايتىش»، «كارخانىلار يېزىنى گۈللەندۈرۈش» چارىسىنى قوللىنىپ، ئىختىساسلىقلار بىلەن كەسىپنى جەلىپ قىلدى، بىكار تۇرۇپ قالغان دىھقانلار ئۆيىلىرى ۋە قۇرۇلۇشقا كېرەكلىك يەرلەر بىلەن پاي قوشۇپ، سەھراھ ئارامگاھى قاتارلىق كەسىپلەرنى يېزىغا كىرگۈزدى. | 1 |
تىپىك دېلولاردا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئاشكارىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىبرەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، كۈچلۈك چۆچۈتۈش ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. | 1 |
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پات ئارىدا «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىدۇ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، نەتىجە - ئۈنۈم يارىتىشى كېرەك. | 1 |
ئالتىنچى، ئەخلاق - پەزىلىتىنى تاۋلاپ، ئاڭلىق ھالدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېسىل ئەخلاق - پەزىلەتنى تونۇپ، ئومۇمىي ئەخلاققا رىئايە قىلىپ، شەخسىي ئەخلاقنى چىڭىتىپ، تېخىمۇ يۈكسەك، تېخىمۇ مەنزىللىك، تېخىمۇ سەۋىيەلىك كىشىلىك ھاياتقا ئىنتىلىپ، دۇرۇس ئىستىل، توغرا كەيپىيات، كۆتۈرەڭگۈ روھنى پۈتۈن جەمئىيەتكە كېڭەيتىشى كېرەك. | 1 |
«باش شۇجىنىڭ تەلىمىنى قايتا - قايتا ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى بىلەن خىزمەتداشلىرىمنىڭ بىللە چۈشكەن سۈرىتىنى قايتا - قايتا كۆرۈپ، ئۆزۈمنى باش شۇجىغا تېخىمۇ يېقىنلاشقاندەك ھېس قىلدىم.» جۇڭ خۇاپىڭ مۇنداق دېدى: «مەن باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقى ئارقىلىق ئۆزۈمگە تەلەپ قويۇپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ خىزمىتىمنى ئەڭ ياخشى ئىشلەپ، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن». | 1 |
تارىخنىڭ تەرەققىياتى، جەمئىيەتنىڭ گۈللىنىشى، ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا بېسىشى مەدەنىيلىكنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشى ۋە يېتەكلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. | 1 |
رۇەن چۈنفۇ باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى رۇەن فۇجۇڭنىڭ شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تەبرىكلىدى. | 1 |
ئۇنىڭ سادىقلىق بىلەن قەتئىي چىڭ تۇرغانلىقىدىن بىز كوممۇنىستلارنىڭ خىسلىتى ۋە مەنزىلىنى كۆرۈپ يەتتۇق» دېدى جاڭ چاڭئېن چىن كۆڭلىدىن تەسىرلەنگەن ھالدا. | 1 |
كەلگۈسىگە يۈزلەنگىنىمىزدە، بىز ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، ئېقىمغا ماسلىشىپ، تىرىشىپ ئاسىيا خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. | 1 |
شىنجاڭ جۇڭگونىڭ داڭلىق «مېۋە - چېۋە ماكانى»، شىنجاڭ كۆرگەزمە رايونىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان چوڭ ئانارلارنىڭ دانىلىرى پارقىراق، دانلىق ۋە چىڭ يېپىشقان بولۇپ، جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ زىچ ئىتتىپاقلىقىغا سىمۋول قىلىنغانىدى. | 1 |
«كىنىشكا، كارتىنى بىرلەشتۈرۈش» خىزمىتىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىشسىز قېلىشنى تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور تەدبىر، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىل ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىشىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇن. | 1 |
ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىسلاھات، مۇھىم، زور تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشقا چېتىلىدىغان ئىسلاھات، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق ئىسلاھاتنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالدىن ياخشى تۇتۇش كېرەك. | 1 |
ئۈلۈش ۋە ئىدارە قىلىشقا ئالاقىدار ئىسلاھاتنىڭ دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز ھوقۇقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئورنىغا ئۇيغۇنلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. | 1 |
«ھەر قېتىم بۇ مۇزىكىنى چالغىنىمدا، شۇ بەختلىك پەيتنى ئەسكە ئالىمەن.» قاۋۇل مۇنداق دېدى: «باش شۇجى بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ. | 1 |
مەدەنىيلىكتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ رەڭدارلىقىنى بېيىتىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنى تېخىمۇ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنغا ئىگە مەنىۋى تۇرمۇشتىن بەھرىلەندۈرۈش، تېخىمۇ تاللاشقا ئىگە كەلگۈسىنى يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. | 1 |
4- ئاينىڭ 8- كۈنى سائەت 11 دىن 46 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش - قۇتقۇزۇش تارماق ئەترىتى قوماندانلىق مەركىزى 110 ساقچىغا مەلۇم قىلىش لىنىيەسى ئارقىلىق ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ سارداۋان يېزىسى بىلەن سانجى شەھىرىنىڭ ميېرگۇ يېزىسى تۇتاشقان تاغلىق رايوندا قار كۆچكۈنى يۈزبېرىپ، ئون دالا كەزگۈچى (سەككىز ئەر، ئىككى ئايال)نىڭ قاپسىلىپ قالغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككى كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى تاپشۇرۇۋالدى. | 0 |
ئۇنىڭدىن باشقا، بېرمىت تومۇشتا يەنە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان. | 0 |
لۇ ۋېيدوڭ مۇخبىرغا موگودىن ھوسۇل ئالغانلىقى ئۈچۈن ، كەنتىكى خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت مەركىزىدىن ئىنتايىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. | 1 |
ئىنسانلار ئۇزاق تارىخىي ئېقىندا رەڭگارەڭ مەدەنىيلىكنى ياراتتى ۋە راۋاجلاندۇردى. | 1 |
جۇڭگو تەرەپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى دەپ قارايدۇ. | 1 |
«سىز كۆۋرۈكتە تۇرۇپ مەنزىرە كۆرسىڭىز، مەنزىرە كۆرىدىغان كىشى بىنادا تۇرۇپ سىزنى كۆرىدۇ.» ھەربىر «ھەرىكەتچان مەنزىرە» يەتكۈزگەن مەدەنىي ئىستىلنىڭ ھەممىسى ئەتراپتىكى ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ كۆپ توغرا يۆنىلىشلىك پىسخىك تەسىر بېرىدۇ، بۇ ئارقىلىق بىر خىل ئاڭلىق بولغان مەدەنىي ئادەتنى يېتىلدۈرۈش مەقسىتىگە يېتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى سەپەردە مەدەنىيلىكنى تارقىتىشقا يېتەكلىگىلى بولىدۇ. | 1 |
رەھبەرلىك ئورگانلىرى، رەھبىرىي كادىرلار ئاۋۋال ئۆز تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇپ ئۈلگە بولۇشى كېرەك. | 1 |
ماخاتىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدا، 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسنىڭ يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك مەسىلىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلدى ھەم خەلقنى كۈنسېرى بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان قىلدى، بۇنىڭ ئۆزى قالتىس نەتىجە. | 1 |
ئوقۇتۇش خىزمىتى جەريانىدا، مەن يەنە ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئىدىيەۋى تەربىيەگە ئەھمىيەت بېرىمەن، قىزىل گېننى ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرىمەن، ئوقۇغۇچىلارغا بىزنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىمەن». | 1 |
تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە مxنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى. | 0 |
ئۈچىنچى، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سەۋىيەگە توغرىلىنىپ، مۇقىم، ئادىل، ئاشكارا تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى پەسەيتىش كېرەك. | 1 |
غەيرەت بارغانسېرى تولۇپ تاشتى | 1 |
ياش ئەۋلادلارنى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن قىلىپ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق سىياسىي مەسئۇلىيىتى. | 1 |
مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە ئورگان كادىرلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىشتە يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك. | 1 |
باش يازدىكى بېيجىڭدا كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان مەيىن شامال چىقىپ تۇراتتى، پۈتۈن جاھان كۆكىرىپ يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى. | 1 |
پۈتۈن ئارمىيە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۈچنى توپلاپ ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈپ، ئىسلاھ قىلىش - يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋردىكى بۇرچ - ۋەزىپىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. | 1 |
لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە ئۇسۇلى، يولىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، يېزا - كەنتلەردە كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەنى گۈللەندۈرۈش، تەشكىلاتلارنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. | 1 |
تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، پائالىيەت جەريانىدا ھەر مىللەت ئامما چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھېسسىياتنى كۈچەيتىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى. | 1 |
روسىيە نوۋوسىبىرسكى ئوبلاستى ئىسكىتىمدىكى بىر ئاياق زاۋۇتى ئىسكىلاتىغا بۈگۈن ئوت كېتىپ، ئون ئادەم قازا قىلدى. | 0 |
ئاسىيا خەلقى بىر تىنچ، خاتىرجەم، ئورتاق گۈللەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن، تۇتاشقان ئاسىيانى ئارزۇ قىلىدۇ. | 1 |
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى سىجىل ياخشى قانات يايدۇرۇپ، كۆپ قاتلام، كۆپ خىل ئۇسۇل، كۆپ خىل شەكىلدە بېرىش - كېلىش قىلىپ، ھەمتۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىللە ئىشلەپچىقىرىش، ياشاش ۋە خىزمەت قىلىش، ئۆگىنىش داۋامىدا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، ھېسسىياتنى كۈچەيتىشىنى، بېرىش - كېلىش قىلىش، پاراڭلىشىپ قەلب ئىزھار قىلىش، جەم بولۇپ سىردىشىش داۋامىدا چىن ھېسسىياتنى ئىپادىلىشى، چىن قەلبىنى بېغىشلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسەتنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خىزمەتنى ئىنچىكە ئىشلەش، ئىشنى ئاممىنىڭ قەلبىگە ياققۇدەك قىلىش كېرەك. | 1 |
1- نومۇرلۇق يانتۇ قۇدۇق بىلەن ئۇدۇل تونېلنىڭ كېسىشىش ئېغىزىدىن 2- نومۇرلۇق يانتۇ قۇدۇق بىلەن ئۇدۇل تونېلنىڭ كېسىشىش ئېغىزىغىچە بولغان ئارىلىق 3900 مېتىر كېلىدۇ، قۇرۇلۇش بۆلىكىنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرا دەرىجىلىك سۇ مول رايوندا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بەش چوڭ ئۈزۈلمە قاتلام، زىچ چات كەتكەن بىر بەلباغدىن ئۆتىدۇ، بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرى چوڭ، تېخنىكا تەلىپى يۇقىرى، قۇرۇلۇش قىلىش زور خىرىسكە دۇچ كېلىدۇ. | 0 |
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ئاقىللار ئامبىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئاقىللار ئامبىرىنىڭ ئىدىيەۋى سۆزلىشىشنى كۈچەيتىشى، تەدبىر بەلگىلەش مەسلىھەتچىلىكى ئېلىپ بېرىشىنى مۇھىم سۇپا بىلەن تەمىنلەيدۇ. | 1 |
ئۇلار ئۆزئارا مۇبارەكلەشتى، ناغرا رىتىمى ۋە ئۇسسۇل قەدىمى بىلەن بايرامنى تەبرىكلىدى. | 1 |
چېخ تەرەپنىڭ جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. | 1 |
«كەنتتە ئەسلىدە يول يوق ئىدى، ئېشەك ھارۋىسى مېڭىۋەرگەچكە تەبىئىيلا يول پەيدا بولغان»، بۇ ئاشۇ يىللاردىكى چېن لاۋچى كەنتىنىڭ قاتناش شارائىتىنىڭ ئەينەن تەسۋىرى. | 1 |
شەندوڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنەن شەھىرىدە، دۆلىتىمىزنىڭ كېيىنكى ئەۋلاد دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېرى E دەرىجىلىك ئەسلىي تىپلىق كومپيۇتېر ياسىلىۋاتىدۇ،2018-يىلى بۇ كومپىيۇتېر ياسالغاندىن كېيىن، ئىلىمىزنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ھىسابلاش ئىقتىدارىدا تىرىليون قېتىمدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشىدىن ئۈمىد بار. | 1 |
ئاساسىي پەنلەر تەتقىقاتىنى قوللاش تەدبىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش بىكتىلدى. | 1 |
«ئوزۇقلۇق تالىشىدىغان بۇغداي يوق، ياۋا ئوت - چۆپلەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزۈشىگە تېخىمۇ يول قويۇشقا بولمايدۇ» دېدى ماخمۇت. | 1 |
نيۇكشى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپنىڭ موزامبىكنىڭ ئىسسىق بەلباغ سىكلونى ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇشىغا دەل ۋاقتىدا ياردەم قولىنى سۇنغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. | 1 |
مىنىڭچە ئىدىيە-ئەخلاق ساپاسى،ئۇ دەل مۇنداق بىر ئىشنى قىلىدۇ ، يەنى بىر مۇستەھكەم ئادەم بولۇش، قانداقلا ئەھۋالغا ئۇچرىسۇن ،ئۆزى بەخىتنى يارىتالايدىغان ،ئاندىن ئۆزى بەخىتلىك بولغان ئاساستا ،تېخىمۇ كۆپ ئادەملەرگە بەخىت ئاتا قىلىدۇ. | 1 |
تۆتىنچى، كۆپ تەرەپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق مەنپەئەتنى قوغدىساق. | 1 |
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن گىرېتسىيە مەدەنىي قەدىمىي دۆلەتلەر، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئۆزئارا تەبىئىي يېقىنلىق تۇيغۇسى بار. | 1 |
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئارزۇسى. | 1 |
مەجبۇرى سىنىپقا كىرگەن چىن مۇئەللىم شۇ چاغدىلا قارانىيەتكە يولۇققانلىقىنى بىلدى . | 0 |
ئۆچۈرۈش، يوقىتىشقا ئامال قىلالمىسا، ئۆز جايىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. | 0 |
بۇ يىل 5- ئاينىڭ بېشىدا، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى باش بانكىسى مەخسۇس خۇبېي ئېنشىدا جاڭ فۇچىڭدىن ئۆگىنىش مۇھاكىمە يىغىنى تەشكىللەپ، بۇ پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسىنىڭ جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماي، كۆرسەتكەن خىزمىتىدىن مەغرۇرلانماي، پايدا - زىيان بىلەن ھېسابلاشماي بىر ئۆمۈر تۆھپە قوشۇشتەك روھىنى ئۆگەندى. | 1 |
4- ئاينىڭ 17- كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئېرمىك جاندوس، ئېركىن جاندوس، ماقسات ئالماس، تالاپبېك كادىن قاتارلىقلارغا ئايرىم - ئايرىم قانۇن بويىچە بىر يىلدىن ئون يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى. | 0 |
ئاقسۇ گېزىتى خەۋىرى: 6-ئاينىڭ 6-كۈنى، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەت ھەۋەسكارلىرىدىن تەشكىللەنگەن 60دىن ئارتۇق ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ئۆمىكى «مايتاغ-كۇچا تاشيولىنى كېسىپ ئۆتۈپ، يول ياسىغان قەھرىمانلارنى ياد ئېتىش، كۈسەن ئۆرپ-ئادىتىنى ھېس قىلىش» تېمىسىدىكى پائالىيەتنى كۇچادا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇردى، بۇمۇ مايتاغ-كۇچا تاشيولى بۇ يىل ئېچىلغاندىن كېيىن كۈتىۋالغان تۇنجى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ئۆمىكى بولۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ جانلىنىش مەزگىلىنىڭ رەسمىي يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. | 1 |
باش شۇجىنىڭ كەنتكە كېلىپ كادىرلار، ئاممىنى يوقلىغانلىقى تاكى بۈگۈنگىچە ھەر ۋاقىت كەنت ئاھالىلىرىگە ئىلھام بولۇۋېتىپتۇ، ئاياغمەنگەن كەنتى بۇ يىل كوناشەھەر ناھىيەسى بېكىتكەن تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا بىرلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ھالدا كۆكتات، گۈل - گىياھ مايسىسى، دېھقانلار قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش، قىزىل ساياھەتتىن ئىبارەت تۆت چوڭ بازا بەرپا قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلايدىكەن. | 1 |
مەركەزنىڭ ھەرقايسى نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرى نازارەت قىلىنىدىغان - يېتەكچىلىك قىلىنىدىغان ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، مەركەزنىڭ ھەرقايسى نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى پات ئارىدا قانات يايدۇرۇلىدىغان نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىگە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، نازارەت قىلىنىدىغان - يېتەكچىلىك قىلىنىدىغان ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لىك پارتكوملارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى. | 1 |
«ئادەتتە نۇرغۇن ئادەم كېلىپ گىرىم قىلغۇزىدۇ، بولۇپمۇ ھەر دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە نۇرغۇن ئايال كېلىپ ئۆزلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ، چىرايلىق ياسىنىپ دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.» دۇكان ئىگىسى ماھىنۇر ئېزىز بۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندا كەنت ئاھالىسى گۈلباھار مەمەت ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپ كەلدى. | 1 |
نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرما بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك، ئەلرايىنى مايىل قىلىش - قىلالماسلىق ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشكە مۇناسىۋەتلىك. | 1 |
ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىشتۈرىدىغان مائارىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ خىزمىتى سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. | 1 |
بىر كەنت ئاھالىسى باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: بۇ بىر قانچە يىلدا كۆكتاتچىلىق كەسپى تەرەققىي قىلدۇرۇلغاچقا، پۇقرالارنىڭ ھەميېنى تومپايدى. | 1 |
جۇڭگو تەرەپ بىرما تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئىچىدە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - بىرما ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى خالايدۇ. | 1 |
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: گۈزەل جۇڭخۇا زېمىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلىش يۇرت - ماكانى بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق شانلىق مەدەنىيلىكىنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەبىئەت بىلەن ئادەمنىڭ بىرلىكىدىن ئىبارەت ئالىيجاناب ئىنتىلىشىنى بارلىققا كەلتۈردى. | 1 |
جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئايلانغاندا، كىشىنىڭ كۆڭلى يايراپ كېتىدۇ: دېھقانلارنىڭ ھويلىلىرى پاكىز، رەتلىك ئىدى؛ يېڭىدىن ماكانلاشقان كەنت قۇرغان زاۋۇتلاردا كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى؛ كەڭرى كەتكەن يول بويلىرىدا گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ كەتكەنىدى. | 1 |
ياشلار ئىدىيەۋى تونۇشتا گاڭگىراپ قالغاندا، كىشىلىك ھاياتتىكى تاللىشى ئاچا يول ئېغىزىغا كېلىپ قالغاندا ئۇلارنى روھىنى ئۇرغۇتۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا بېسىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك، ياشلار خىزمەتتە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەندە ئۇلارغا سەمىمىي ئىلھام بېرىش كېرەك، ياشلار كەسىپتە قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئۇلارنىڭ قايتىدىن ئىشەنچ تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك، ياشلار خاتالىق ئۆتكۈزۈپ، خاتا ئىش قىلىپ قويغاندا ئۇلارغا ۋاقتىدا كۆرسىتىپ بېرىش ھەم ئۇلارنىڭ تۈزىتىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك، بەزى ياشلارنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى بىردەملىك ھاياجانلىنىشى ياكى چەكتىن ئېشىپ كېتىشىگە قارىتا كۆپرەك تەربىيە بېرىپ يېتەكلەپ، كەڭچىلىك قىلىشقا بولسا كەڭچىلىك قىلىش، ئۇلارغا ئۆزىگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈشكە كۆپرەك ۋاقىت ۋە بوشلۇق بېرىش، ھەددىدىن زىيادە ئەيىبلىمەسلىك كېرەك. | 1 |
شۇ كۈنى، تېكەس ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ ناھىيەنىڭ قارادالا بازىرى ئۆڭكۈر تاش كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرىدىن ما جيەنشياڭ، ما جيەنجۇڭ، ما يوۋجۈن ئۈچ كىشىنىڭ ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوغا ئوچۇق ھۆكۈم ئېلان قىلدى. | 0 |
شى جىنپىڭ مۇنداق جاكارلىدى: ئاسىيا مەدەنىيەت كاتتا مەرىكىسى پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى! | 1 |
جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر بىلەن ماكرولۇق سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تەڭپۇڭ، سىغدۇرۇشچان ئېشىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدۇ. | 1 |
بۇ پەيت ئۇزاق ۋاقىت تەر ئاققۇزۇش، ئاغرىق ئازابىغا بەرداشلىق بېرىش، يۈرەك قېنىنى مۇجەسسەملەشتىن شەكىللەنگەن. | 1 |
مالايسىيا تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى قوللايدۇ. | 1 |
ياشلارنى جاپا - مۇشەققەتلىك بىرىنچى سەپكە بېرىپ جاپاغا چىداپ چېنىقىشقا، قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە پائال ئىلھاملاندۇرۇپ، دادىللىق بىلەن ياشلارنىڭ مۇھىم ساھە ۋە مۇھىم ئىش ئورۇنلىرىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تالانتىنى نامايان قىلىشىغا يول قويۇپ، ياشلارغا ھەممە ئادەم ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشقا تىرىشىدىغان، ھەممە ئادەم ئىختىساسلىقلاردىن بولالايدىغان، ھەممە ئادەم ئۆز قابىلىيىتىنى تولۇق نامايان قىلالايدىغان تەرەققىيات شارائىتىنى پائال يارىتىپ بېرىش كېرەك. | 1 |
كىنودا جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى بىر يېزىدا قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىر شۈ كۇن رەيھان ئانا بىلەن تۇغقانلىشىپ، ئۇنىڭ ئوغلى مەرداننىڭ نەچچە يىل ئىلگىرى ھەمراھى بىلەن بىللە تاپقان قىممەتلىك قاشتاشنى يىتتۈرۈپ قويۇپ، پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ نەزەرىدە ئالدامچىغا ئايلىنىپ قېلىپ، ئاخىر ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلگەنلىكى، رەيھان ئانىنىڭ ئوغلىنى ئىنتايىن سېغىنىپ، كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغانلىقى، شۈ كۇن قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئاخىر ھېلىقى يىتىپ كەتكەن قاشتاشنى تېپىپ، مەرداننىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئىسپاتلىغانلىقى، رەيھان ئانىنىڭمۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە ئوڭۇشلۇق ئوپېراتسىيە قىلىنىپ، قايتىدىن يورۇقلۇققا ئېرىشكەنلىكى بايان قىلىنغان. | 1 |
باش نىشاننى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ياخشى قانۇنچىللىق مۇھىتى يارىتىش كېرەك؛ خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئەدلىيە ئېھتىياجىنى تىرىشىپ قاندۇرۇش كېرەك؛ ئىجرا قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش» نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ئەدلىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوت قىلىش سىستېمىسى ۋە سوت قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. | 1 |
لى كېچىياڭ مۇنداق دېدى : يېڭىلىق يارىتىش روھى ، ئىجادىيەت روھىنى جارى قىلدۇرۇپ ، يېڭىلىق يارىتىشتىكى تەمىنلەش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەپ ، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك . | 1 |
جۇڭگو تەرەپ يەنە مىسىردا «لۇبەن ھۈنەرخانىسى» قۇرۇپ، مىسىر ياشلىرىنى كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. | 1 |
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرسىلا، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىدا چىڭ تۇرسىلا، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتەك ئۇلۇغۋار نىشانغا يېتىشكە كۈچ چىقىرىشتا چىڭ تۇرسىلا، بىز چوقۇم ئۇتۇق قازىنالايمىز. | 1 |
4- ماي ھەرىكىتى جاھانگىرلىككە، فېئوداللىققا ئۈزۈل - كېسىل قارشى تۇرۇشتەك ئىنقىلابىيلىقى، ۋەتەننى قۇتقۇزۇپ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ھەقىقىتىگە ئىنتىلىشتەك ئىلغارلىقى، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئامما ئاكتىپ قاتناشقانلىقىدەك كەڭ دائىرىلىكلىكى بىلەن جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى، ماركسىزمنىڭ جۇڭگودا تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى، ماركسىزمنىڭ جۇڭگونىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىدىيە جەھەتتىكى، كادىرلار جەھەتتىكى تەييارلىق بىلەن تەمىنلىدى، يېڭى ئىنقىلابىي كۈچ، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت، ئىنقىلابىي كۈرەشنىڭ تارىخ سەھنىسىگە چىقىشىغا شارائىت ھازىرلىدى، ئۇ جۇڭگو كونا دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابقا قاراپ مېڭىشىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ، يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ۋە تەرەققىي قىلىپ ئالغا بېسىشقا ئىنتىلىش تارىخىي مۇساپىسىدە ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. | 1 |
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى جۇڭفا، شيۇڭ جېڭيەن، دىڭ شياۋشى) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5- ئاينىڭ 15- كۈنى بېيجىڭ دۆلەت يىغىن مەركىزىدە ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، شانلىق ئاسىيا مەدەنىيلىكىنىڭ دۇنيا مەدەنىيلىك تەرەققىيات تارىخىدا قويۇق، رەڭدار سەھىپە پۈتكەنلىكىنى كۆرسەتتى. | 1 |
ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى بويىچە نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىللىككە چېتىشلىق چىرىكلىك ۋە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» مەسىلىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، ئېغىرلىق مەركىزىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، ئەۋزەل كۈچلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن زەربە بېرىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىللىككە چېتىشلىق چىرىكلىك ۋە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»گە ئائىت بىر تۈركۈم دېلونى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، كۈچلۈك خىزمەت نەتىجە - ئۈنۈمى بىلەن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك. | 1 |
رەھىمسىز قۇم - بوران ئىچىدە، يارمەھەللە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى بىر - بىرىگە ھەمدەم بولۇپ، بىر مەيدان بوستانلىق بەرپا قىلىپ قۇمنى چېكىندۈرۈش مۇھىت قوغداش جېڭىنى باشلىدى. | 1 |